ئۇغۇر گۆكبۇلۇت
گۈلناز تۇرسۇن ئىبرەت تەرجىمىسى
ئەمدى قارشىلىق قىلمايمەن، چۈنكى ئۈمىدلىرىمنىڭ ۋە بىر نەرسە كۈتكەن كىشىلىرىمنىڭ سۆزلەردە ئىسراپخور، مۇئامىلىدە پىخسىق بولۇشلىرى مېنى ھەيران قالدۇرمايدىغان بولدى، ئاغرىغان يۈرىكىممۇ كۆنۈپ قالدى. ئىنسانلار توغرىلىق بۇرۇنقىدەك ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئويلانمايمەن، ئادەم ئەمەسمۇ قىلىدۇ دەپلا ئۆتكۈزۈۋېتىمەن. بۇ دۇنيادىكى ياخشى نىيەتلىرىنىڭ قۇربانى بولغان تۇنجى ياكى ئاخىرقى ئىنسان ئەمەسمەن. ئەمما شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئۆمرۈمنىڭ يېرىمنى ھەمىشە باشقىلارنى خۇش قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەنىدىم، قالغان يېرىمىنى بولسا پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈن ياشايمەن، پەقەت مېنى قەدىرلىگەنلەرگە ئۆزۈمنى ئاتايمەن.